
ئىشلىتىشكە ھوقۇق بېرىش مېخانىزمى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى، ئېلېكترونلۇق يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى
مۇخبىرنىڭ 21-چېسلا ئىگىلىشىچە، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى (دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈشنى باشقۇرۇش كومىتېتى) يېقىندا «قاتناش باشقۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان، 2027-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. ئۆلچەمدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى كەسىپ مۇھىتىغا ئاساسەن باشقىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئىشلىتىشىگە ھوقۇق بەرسە بولىدۇ، پۈتۈن مۇساپىدە ئىز قالدۇرۇپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ، كىنىشكىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئېلېكتىرونلۇق شوپۇرلۇق كىنىشكىسى مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، شوپۇرلار "قاتناش باشقۇرۇش 12123" App ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا، كۆرسەتسە بولىدىغان بولغان؛ 2024-يىل 11-ئايدىن باشلاپ، ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كىنىشكىسى مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. قاتناش باشقۇرۇش ئېلېكترونلۇق كىنىشكىلىرىنى ھاسىل قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىلىرىنىڭ بىر قاتار دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈشكە تەشكىللىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، «قاتناش باشقۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمى 2026-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ