
ئالدامچىلىق تېلېفونىنى تېز پەرق ئېتىپ، مۇنۇ تۆت خىل نومۇردىن تېلېفون كەلسە ئالماڭ، قايتۇرماڭ
گۇمانلىق ئالدامچىلىق تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندا، سۆزلىشىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئالدىنىپ كېتىش خەۋپى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، قوبۇل قىلغۇچى يەنە "ئەلا نىشان" دەپ بەلگە قويۇلۇپ تەكرار پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن.

ساقچى تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "400" دىن باشلانغان سىرتتىن كەلگەن تېلېفون، "00" دىن باشلانغان ناتونۇش خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون، "95" تىن باشلانغان سەككىز خانىلىق نومۇر، شۇنداقلا «1069» دىن باشلانغان ئۇلانما قىسقا ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغاندا، چوقۇم تېلېفوننى ئالماسلىق، ئۇلانمىنى چەكمەسلىك، ئۇچۇرغا جاۋاب قايتۇرماسلىق كېرەك. گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇققاندا، دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىش لازىم.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ