
قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»نى ئېلان قىلدى. «نىزام» دا مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش دائىرىسى، قانداق ئەھۋالدا مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى قانداق سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
«نىزام»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتە قانۇن يۈرگۈزگۈچى خادىملارنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. سۈرۈشتۈرۈش ئوبيېكتى ۋە سوتچى خادىملارنى، ھەم سوتچى ياردەمچىسى، ئىجراچى، پۈتۈكچى، قانۇن يۈرگۈزۈش ساقچىسى، قانۇن يۈرگۈزۈش تېخنىكا خادىمى قاتارلىق سوت ياردەمچى خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە سوت خىزمىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان مەھكىمە، كوللېگىيە باشلىقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرى ئۆزىنىڭ سوت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھەرىكىتىگە ئۆمۈرۋايەت مەسئۇل بولۇشى كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش دائىرىسى ھەم خىزمەتتىكى قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنى، ھەم پېنسىيەگە چىققان، يۆتكىلىپ كەتكەن، ئىستېپا بەرگەن، خىزمەتتىن بوشىتىلغان، خىزمەتتىن ھەيدەلگەن قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«نىزام» دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتە، كادىر باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، ئەھۋالغا قاراپ تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىشى، پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشى ياكى چارە كۆرۈشى كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىدا سوت قىلىش مەسئۇلىيىتىدىن باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت مەسىلىسىنىڭ يىپ ئۇچى بايقالسا، مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە ئورگانلىرى ياكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ