
2026-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، نېرۋا ئېلېكتىروگرامما ھەققى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك داۋالاش مۇلازىمىتى باھا تۈرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش تۈرى C تۈردىن B تۈرگە تەڭشەلدى، بەلگىلىمە بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
20-چېسىلا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ ئىدارە بىڭتۈەن داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، بىر قىسىم داۋالاش مۇلازىمىتى باھا تۈرلىرىنى مەخسۇس دەلىللەپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش تۈرىنى تەڭشىگەن.
بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە، نېرۋا ئېلېكتىروگرامما ھەققى، نېرۋا ئېلېكتىروگرامما ھەققى-كارىۋات يېنى (قوشۇپ ھەق ئېلىنىدۇ)، ئەتراپ نېرۋا ئېلېكتىرودى ئورنىتىش ھەققى، باش نېرۋىسىنى بوشىتىش ھەققى، باش نېرۋىسىنى بوشىتىش ھەققى-بالىلار (قوشۇپ ھەق ئېلىنىدۇ)، رەڭلىك دوپلېر ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش (ھامىلە)، رەڭلىك دوپلېر ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش (ھامىلە)-كارىۋات يېنىدا تەكشۈرۈش (قوشۇپ ھەق ئېلىنىدۇ) قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك داۋالاش مۇلازىمىتى باھا تۈرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش تۈرى C تۈردىن B تۈرگە تەڭشەلدى، ئالاقىدار تۈرلەرنىڭ باھا ئۆلچىمى يەنىلا ھازىرقى بەلگىلىمە بويىچە ئىجىرا قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ