شياڭگاڭ بىلەن شىنجاڭدىكى 10 جۈپ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئاچا-سىڭىل مەكتەپلەردىن بولۇپ، ئائىلە-دۆلەت ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، "قەلب كۆۋرۈكى" سالدى

2026.10.22 16:11 مەنبە: خەلق تورى

زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى، شياڭگاڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى شياڭگاڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاچا-سىڭىل مەكتەپلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش، تەكشۈرۈش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى يېقىندا شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شياڭگاڭدىكى 10 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى 10 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئاچا-سىڭىل مەكتەپلەردىن بولۇپ قالدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە "گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىپ، ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش" باش تېما قىلىنغان بولۇپ، تەخمىنەن 20 نەپەر شياڭگاڭلىق مەكتەپ مۇدىرى شىنجاڭغا بېرىپ ئالتە كۈنلۈك تەتقىقات، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. بۇ مەزگىلدە ئاچا-سىڭىل مەكتەپلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-باشلانغۇچ مەكتەپ زالىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە خاتىرە سوۋغىتىنى ئالماشتۇردى. دۇڭخۇا سەنيۈەن خەيرىيەت تەشكىلاتى دېڭ جاۋجيەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى جۇڭ جيامىڭ، ئات بەيگىسى جەمئىيىتى ۋەنجۈن يىجى بىلىم يۇرتى (ئوتتۇرا مەكتىپى)نىڭ ياردەمچى مۇدىرى جاڭ لىن ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى دۇ ئاشيا ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكى، دەرس قۇرۇلۇشى ۋە ئادەم تەربىيەلەش ئەمەلىيىتىنى چۆرىدەپ باش تېمىلىق ئورتاقلىشىش ئېلىپ بېرىپ، كېيىنكى ھەمكارلىق يۆنىلىشى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەندى.

تەكشۈرۈش ئۆمىكى يەنە تىيانشان بۇغدا كۆلى ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەتقىقات، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېگىز تاغ ئېكولوگىيەسىنى ۋە قازاقلارنىڭ مىللەت ئۆرپ-ئادىتىنى نەق مەيداندا ھېس قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى ئىگىلىدى.

پائالىيەتنى ئۈستىگە ئالغان تەرەپنىڭ ۋەكىلى، داتۇڭ نەشرىيات تاراتقۇ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يىڭ جۇڭۋېي مۇنداق بىلدۈردى: شياڭگاڭ خەلقئارالاشقان مائارىپ نەزەر دائىرىسىگە ئىگە، شىنجاڭ بولسا چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى ۋە مول مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مائارىپ بايلىقىغا ئىگە. ئىككى جاينىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەللىكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىدىغان ھەمكارلىقى ئائىلە-دۆلەت ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىدىغان "قەلب كۆۋرۈكى"دۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ