"تەيۋەن بۆلگۈنچى" كۈچلىرى جوۋ جيېلۈنگە "قالپاق كىيگۈزدى"، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2026.10.22 16:10 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى 21-چېسىلا رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: يېقىندا جوۋ جيېلۈن پائالىيەتكە قاتناشقاندا، رىياسەتچى ئۇنى جۇڭگولۇق ناخشىچى دەپ تونۇشتۇردى. جوۋ جيېلۈن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئالاقىدار سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقىتىپ ۋە ئالقىشلاپ، ئىككى قىرغاقتىكى تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى نۇرغۇن مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت خاتىرىسىگە ئايلاندى، دەپ قارىلىپ كەلدى، ھالبۇكى تەيۋەندىكى يېشىل سىياسىي لاگېردىكىلەر بۇ توغرىسىدا سېسىق گەپلەرنى قىلىپ، تەنقىد قىلدى، كۆپتۈردى، بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

باياناتچى جاڭ خەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق. تەيۋەنلىك سەنئەتكارنىڭ جۇڭگولۇق ناخشىچى سالاھىيىتىنى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىشى ئوچۇق-ئاشكارا جۇڭگولۇق بولۇشتىن ئىبارەت ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىشىدۇر. "تەيۋەن بۆلگۈنچى" كۈچلىرى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا سىڭىشىشىنى، يېقىنلىشىشىنى خالىمايدۇ، سەنئەتكارلارغا "قالپاق كىيگۈزۈپ"، "بەتنام چاپلاپ"، سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ يوللۇق ئىپادىلەشلىرىنى چەكلەشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ غەرىزى رەزىل بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ