گۇڭئەن مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكى ئىدارىسى مۇنداق بىلدۈردى: "شياۋ XX ناخشا كېچىلىكىنىڭ بىرىنچى رەت بېلىتى 250 مىڭ يۈەن" دېگەن خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس

2026.10.22 16:10 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 21-چېسىلا گۇڭئەن مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، توردا تارقالغان "سەنئەتكار شياۋ XX ناخشا كېچىلىكىنىڭ بىرىنچى رەت بېلەت باھاسى 250 مىڭ يۈەن" دېگەن خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن.

گۇڭئەن تور بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، تور ئابۇنىسى ۋاڭ XX (ئەر، 33 ياش) ئېقىم يىغىپ كىشىلەرنى "ۋاكالىتەن بېلەت تالىشىش" كەسپىگە جەلپ قىلىش مەقسىتىدە، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى دوستلار چەمبىرىكىدە: "شياۋ XX، بىرىنچى رەتنىڭ بېلەت باھاسى 250 مىڭ يۈەن، سېتىلىپ بولدى، بىرىنچى رەتنىڭ بېلەت باھاسى 230 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى رەتنىڭ بېلەت باھاسى 200 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى رەتنىڭ بېلەت باھاسى 190 مىڭ يۈەن. بېلەت جىق قالمىدى، بېلەت باھاسى 5-ئايدىلا بېكىتىلىپ بولغان، ئىشەنچلىك" دېگەندەك پىتنە-ئىغۋالارنى ئۆز ئالدىغا تەھرىرلەپ ئېلان قىلغان. ئالاقىدار پىتنە-ئىغۋالار تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، نۇرغۇن تور ئابۇنىسىنىڭ بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىغان، كۆپ قېتىم قىزىق نۇقتىغا چىقىپ، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغان. تور ئابۇنىسى ۋاڭ XX «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 29-ماددا (1) تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغاچقا، تەۋەلىكتىكى گۇڭئەن ئورگىنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە يەتتە كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى ھەمدە 1000 يۈەن جەرىمانە قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ