
مۇخبىرلىرىمىز جاڭ تيې، گاۋ بىڭ
گۈللىنىش ناملىق تېز پويىز گۇرۇپپىسى نۆۋەتچى پويىزى شىئەن-يەنئەن گاۋتيې تۆمۈريولى ئارقىلىق يەنئەن ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى. شىئەن-يەنئەن گاۋتيې تۆمۈريولى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، شىمالىي شەنشىدىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى تۇنجى گاۋتيې تۆمۈريولى ھېسابلىنىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى يىبو فوتوسى
جياڭشى رۈيجىندىن شەنشى يەنئەنگە بېرىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
90 نەچچە يىل ئىلگىرى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە "چىغ چورۇق" بىلەن مېڭىپ، بۇنىڭغا تەخمىنەن 12 ئاي دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو "گۈللىنىش ناملىق" گاۋتيې ئارقىلىق يېڭى سەھىپە پۈتتى: 11 سائەت 32 مىنۇت كېتىدۇ.
2022-يىل 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنئەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: "بۇ قېتىم يەنئەنگە كېلىپ مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى كۆردۈم، قاتناش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپتۇ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ"، "يۇرتداشلار ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىپتۇ، لېكىن يەنە داۋاملىق تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈرۈشى كېرەك".
يەنئەن بىر چىراغ، ئىنقىلاب يىللىرىنىڭ قاراڭغۇ كېچىسىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شىمالىي شەنشىدىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلار سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يوللارنى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشتۇرۇپ يېڭى سەپەرنى باشلاپ، يېڭى دەۋردە ئارزۇغا ئىنتىلمەكتە.
9--ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 22 دىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە، رۈيجىندىن يەنئەنگە بىۋاسىتە بارىدىغان تۇنجى گاۋتيې 1800 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بېسىپ، يەنئەن ۋوگزالىغا ئاستا-ئاستا كىرىپ كەلدى. "گاۋتيې مىڭلىغان تاغلار ئايرىپ تۇرغان توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلىدى، 'قىزىل شەھەر' 'مۇقەددەس جاي' بىلەن تۇتاشتى" دېدى دۆلەت تۆمۈريول ئىدارىسى شىئەن ئىدارىسى يەنئەن ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن ۋوگزال باشلىقى خوۋ شياۋتىڭ چەكسىز ھاياجانلانغان ھالدا.
90 يىل ئۆتتى، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېڭىلىنىپ باردى.
يەنئەندىن شىئەنگە بېرىشتا، دەسلەپتە پويىزغا ئولتۇرسا 14 سائەت كېتەتتى، بۈگۈنكى كۈندە گاۋتيېدا ئەڭ تېز بولغاندا ئاران 68 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. 92 ياشلىق يەنئەن شەھەر ئاھالىسى جې جېڭچيەن كونا ئىنقىلابىي رايونلار تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، شىئەن-يەنئەن گاۋتيېسىدا قاتناش باشلىنىپ، يەنئەن "گاۋتيې دەۋرى"گە قەدەم قويدى.
"سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنى كېسىپ ئۆتۈپ گاۋتيې قۇرۇش ئاسانغا توختىمىدى، بۇ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى بىلەن تومۇرداش. "جې جېڭچيەن بوۋاي ھاياجېنىنى باسالماي قولىغا قەلەم ئېلىپ مۇنداق شېئىرلارنى يازدى: "ھەسەن-ھۈسەن كۆتۈرۈلدى، ھەسەن-ھۈسەن كۆتۈرۈلدى، تاغ-داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتتى باھار شامىلى يەلپۈندى. .."
پويىزغا ئولتۇرۇپ، مۇقەددەس جايلارغا بارغاندا، ھەم "كونا دوستلار" بار، ھەم "يېڭى ياشلار" بار.
يەنئەن ياڭجيالىڭ ئىنقىلابىي يادىكارلىق ئورنىغا كىرگەندە، قۇياش نۇرى دەرەخ شاخلىرىدىن ئۆتۈپ، مەركىزىي چوڭ زالدىكى كۆك خىش، كۈل رەڭ كاھىشلارغا چۈشۈپ تۇراتتى. ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ، "مەڭگۈ ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان كىتاب"نى بىرلىكتە ئوقۇيدۇ.
"گەمىگە كىرىپ، كىتاب ئۈستىلى، جىنچىراغلارنى كۆرگەندە، خۇددى ئىنقىلاب يىللىرىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. "14 ياشلىق جاۋ يۈچېن شەنشى شاڭلودىن كەلگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن مەخسۇس يەنئەنگە ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەنىدى. بۇ يەردە، ئۇ سارغىيىپ كەتكەن سۈرەتلەر، ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدىكى قورال-ياراغلار، ياماق چۈشكەن ھەربىي فورمىلارنى كۆردى، "كىتابتىكى بىلىملەر بىردىنلا ئىستېرېئولۇق، جانلىق كارتىنىغا ئايلانغانىدى."
قىزىل يەنئەن تېخىمۇ كۆپ "ياش سىيمالار"نى كۈتۈۋالماقتا: "يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ يەنئەن سەپىرى" ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ "ھەرىكەتچان چوڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى"گە ئايلاندى؛ بارغانسېرى قولايلىشىۋاتقان قاتناش تورى ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ساياھىتى، تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتىنى سىجىل جانلاندۇردى. ..
بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، "يەنئەنگە بېرىش . سەنچىندىكى ئوقۇغۇچىلار مۇقەددەس جايى سەپىرى" قىزىل تەربىيە مەخسۇس پويىزى شەنشى ئۆلكىسىدىكى 98 ئالىي مەكتەپ، 41 مىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىغا مۇلازىمەت قىلدى.
"يەنئەن ئىنقىلابىي ئەسلىي جايىدا قىزىل روھ مەڭگۈ ساقلىنىدۇ." يەنئەن شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى خې دۇڭمېي مۇنداق دېدى: 2025-يىلى، 50 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قېتىم يەنئەنگە كېلىپ، "قىزىل سېھرىي كۈچ"نى ھېس قىلدى.
"يەنئەنگە كەلگەندە" قۇچاقنى كەڭ ئېچىپ، "يەنئەندىن يولغا چىققاندا" چوڭ قەدەم بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلق ئېگىز تاغلار ئارىسىدىن چىقىپ، تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە قەدەم قويدى.
شىمالىي شەنشىنىڭ كۈز پەسلىدە، ئالمىلار شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى. يەنئەن لوچۇەن ناھىيەسىدىكى مېۋە سودىگىرى دۇ ۋاڭجۈن يەنە ئەڭ ئالدىراش پەسىلنى كۈتۈۋالدى.
"ئىلگىرى، سىرتتىن كەلگەن خېرىدارلار مېۋىلىك باغقا مېۋە-چېۋىلەرنى كۆرگىلى كەلمەكچى بولسا، مەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىئەنگە ئالغىلى باراتتىم، بېرىش-كېلىشكە بەش سائەت ۋاقىت كېتەتتى." دۇ ۋاڭجۈن مۇنداق دېدى: ھازىر گاۋتيې بار بولدى، تاق مۇساپىگە بىر سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، "خېرىدارلارنىڭ بېرىش-كېلىش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. مەن گۇەنجۇڭدىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنى كېڭەيتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن."
يول تورى مۇكەممەللىشىپ، لوچۇەن ئالمىسى ئۈچۈن "يېڭى يول" ئېچىپ بەردى، " مېۋىنى ئەتىگەندە ئۈزۈپ، كەچتە ئۈستەلگە قويۇش" رېئاللىققا ئايلاندى.
"يېرىم كۈندە لوچۇەن ئالمىسى شىئەن، بېيجىڭغا يېتىپ بارىدۇ. 24 سائەت ئىچىدە گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىغا يېتىپ بارىدۇ." لوچۇەن ناھىيەسى يەنگاڭ ئىقتىساد-سودا مېۋىچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى سۈن دۇڭچى مۇنداق دېدى: "توشۇش جەريانىدىكى خوراش نىسبىتىمۇ ئەسلىدىكى %15 تىن %2 تىن تۆۋەنگە چۈشتى."
گاۋتيېنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلق «ئالتۇن ئەپكەش»نى ياخشى زىممىسىگە ئالدى. 2025-يىلى، يەنئەننىڭ ئالمىلىق ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 3 مىليون 321 مىڭ مو، ھوسۇلى 5 مىليون 279 مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 60 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان يەنئەن تېخىمۇ كەڭ دۇنياغا قۇچاق ئاچتى −
بۇ يىل 7-ئايدا، يەنئەن شەرقىي شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلىنىپ، شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا "يېپىق ھالقىسىمان يۈرۈش" ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ يەنئەن-يۈلىن گاۋتيې قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن باشلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىمالىي شەنشىدىكى ئىككى شەھەرنى تۇتاشتۇرۇپ، رايون يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىنى مۇكەممەللەشتۈردى؛ يەنئەن ئايرودۇرۇمىدا 21 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى 31 شەھەرنى قاپلاپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىش نىسبىتى %80.7 كە يەتتى. ..
90 نەچچە يىل ئىلگىرى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە شىمالىي شەنشىگە يېتىپ كەلدى، بۇ جاي ئۇزۇن سەپەرنىڭ نىشان نۇقتىسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىمالىي شەنشىدىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلار سۈرئەتنى كۈچەپ تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان "چوڭ تومۇرى"غا قوشۇلماقتا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ