شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2026.10.21 15:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

تەبرىك خەت

مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن!

70 يىلدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنى «سوتسىيالىزم شۆيۈەنى سوتسىيالىزمغا مەنسۇپ بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىر مەقسەتتە بولغان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلارنى تەربىيەلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەرنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، توغرا بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ۋە شۆيۈەننى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىرلىك سەپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، نەزەرىيە تەتقىقاتى، فاڭجېن - سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە رولۇڭلارنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2026 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنى «سوتسىيالىزم شۆيۈەنى سوتسىيالىزمغا مەنسۇپ بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىر مەقسەتتە بولغان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلارنى تەربىيەلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەرنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، توغرا بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ۋە شۆيۈەننى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىرلىك سەپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، نەزەرىيە تەتقىقاتى، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە رولۇڭلارنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئالايىتەن مۇھىم تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، 70 يىلدىن بۇيان مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، قوشقان تۆھپىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شۆيۈەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنىگە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، سوتسىيالىزم شۆيۈەنى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا باشتىن - ئاخىر ئەھمىيەت بەردى ۋە كۆڭۈل بۆلدى. بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىرلىك سەپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش ۋە سوتسىيالىزم شۆيۈەنى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. يېڭى مۇساپىدە، مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سوتسىيالىزم شۆيۈەنى سوتسىيالىزمغا مەنسۇپ بولۇش»تىن ئىبارەت توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، كۇرسانتلارنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. سىياسىي ئورتاق تونۇش تەربىيەسى بويىچە ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملىشى كېرەك. مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بىرلىك سەپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. شۆيۈەننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، شۆيۈەننى قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇشنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئۆگىنىشنى قاتتىق تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋۇ ۋېيخۇا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.

ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ سوتسىيالىزم شۆيۈەنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنىدىكى كۇرسانتلار، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ