قازاقىستاندا كۆپ ساھەدە ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى گەۋدىلىك

2026.10.21 15:07 مەنبە: خەلق تورى

قازاقىستان ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 20-چېسىلا ئېلان قىلغان 2026-يىلى قازاقىستاندا كەمچىل بولۇۋاتقان كەسىپلەر توغرىسىدىكى ئىستاتىستىكلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دۆلەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، سانائەت ۋە بىناكارلىق قاتارلىق ساھەلەردە ئىختىساسلىقلار يېتىشمەسلىككە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش كەسپىي ئىختىساسلىقلىرى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى گەۋدىلىك بولغان.

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات بويىچە ھېسابلىغاندا، تۇغۇت بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمى، ناركوز ۋە ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش دوختۇرلىرىنىڭ بوش قالغان ئىش ئورنى سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئىزدەش قىسقىچە تەرجىمىھالىنىڭ 4.7 ھەسسىسىگە، 3.2 ھەسسىسىگە ۋە 4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمى ۋە ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرلىرىمۇ بىرقەدەر كەمچىل ئىكەن.

تېخنىك ئىشچىلىرى جەھەتتە، توكچى، مېخانىك، زاۋۇت ئىشچىسى، كەپشەرچى، ئۈسكۈنە مەشغۇلاتچىسى، قۇرۇلۇش ئىشچىسى ۋە شوپۇر قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجى بىرقەدەر چوڭ ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بازارنىڭ ئىنژېنېر ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى كەسپىي خادىملارغا بولغان ئېھتىياجىمۇ بىرقەدەر چوڭ ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ