ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى كەچۈرۈم سورىدى

2026.10.21 14:53 مەنبە: خەلق تورى

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى "ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلان كاپالىتىدىكى تاماقنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش"نى ئېلان قىلدى:

2026-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، شياڭپېڭ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 8L9664 (ئۈرۈمچى-چېڭدۇ تيەنفۇ) نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئۇزاق ۋاقىت كېچىككەن. ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يەر يۈزى مۇلازىمەت ۋاكالەتچىلىك ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يولۇچىلارغا ۋاقتى ئۆتكەن تەييار چۆپ تارقىتىپ بېرىپ، يولۇچىلارغا ناچار تەسىر ئېلىپ كەلدى.

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىشتىن قاتتىق خىجىللىق ھېس قىلدۇق، تەسىرگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ۋە بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كەڭ ئاممىدىن ئەڭ سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز. ھازىر تۈرلۈك تۈزىتىش تەدبىرلىرى تولۇق ئەمەلىيلەشتى، ئالاقىدار تەرتىپلەر تاماملىنىپ بولدى، مەسئۇل خادىملار بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق جازالاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ