
شۇ يەر ۋاقتى 19-ئۆكتەبىر، فىرانسىيە زۇڭلى مەھكىمىسى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئالاقىدار شەھەر باشلىقلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى تۆت شەھەر-بازاردا دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى كەچ سائەت 20:00 دىن ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 6:00 گىچە كېچىدە يۈرۈش مەنئى قىلىندى.
كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلغان شەھەرلەر-بازارلار ئىچىدە لىل، دۇئې، دېناند ۋە ۋاتىنى بار. فىرانسىيەنىڭ شىمالىي قىسىم ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئالاقىدار تەدبىرلەرنىڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش دائىرىسىنىڭ بۇ شەھەر-بازارلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىغا چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن پارىژ ساقچى باش ئىدارىسى پارىژنىڭ بىر قىسىم كوچىلىرىدا دۈشەنبە كۈنى سائەت 23 تىن سەيشەنبە كۈنى سائەت 6 گىچە كېچىدە يۈرۈش مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، دۈشەنبە كۈنى سائەت 20 دىن سەيشەنبە كۈنى سائەت 6 گىچە، پارىژنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا نامايىش قىلىش چەكلەندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ