دۆلىتىمىز يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ چىش پاستىسىنىڭ ئۈنۈم ئىزاھلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇدى

2026.10.16 15:12 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى «چىش پاستىسىنى تۈرگە ئايرىش مۇندەرىجىسى»نى ئېلان قىلىپ، چىش پاستىسىنىڭ ئۈنۈمىنى تۈرگە ئايرىش ۋە ئېلان قىلىشنىڭ ئۆلچەم چېكىنى بېكىتتى. مۇندەرىجىدە چىش پاستىسىنىڭ ئۈنۈمى سەككىز چوڭ تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاساسىي تازىلاش تۈرى، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرى، چىش باكتېرىيە دېغىنى تىزگىنلەش تۈرى، چىش ماددىسىنىڭ سەزگۈرلۈكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرى، چىش مىلىكى مەسىلىسىنى يېنىكلىتىش تۈرى، داغ يوقىتىپ ئاقارتىش تۈرى، چىش تېشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرى ۋە ئېغىز پۇراشنى يېنىكلىتىش تۈرىدىن ئىبارەت. ھەر بىر خىل ئۈنۈم ئېنىق تەسىر قىلىش مېخانىزمىغا ماس كېلىدۇ، مەھسۇلات چوقۇم مۇناسىپ تەسىر قىلىش مېخانىزمىغا ئۇيغۇن كەلگەندىلا، ئاندىن بۇ خىل ئۈنۈمنى ئىزاھلاشقا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ