دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق بىلدۈردى: 2026-يىل 10-ئاينىڭ 15-كۈنى دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى تەڭشەلمەيدۇ

2026.10.16 15:12 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 24-كۈنى دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى تەڭشەلگەندىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرقنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇپ، خەلقئارا بازاردا خام نېفىت باھاسى قىسقا ۋاقىت تۆۋەنلىگەندىن كېيىن يەنە بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن. خەلقئارا بازاردىكى ماي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇ قېتىم بېنزىن ۋە دىزېلنىڭ باھاسى تەڭشەلمەيدىكەن.

جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت گۇرۇھى شىركىتى ۋە باشقا نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۆتكەشنى ياخشى تەشكىللەپ، بازارنى مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار بازارنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى ئىجرا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نورمال بازار تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك. ئىستېمالچىلار 12315 سۇپىسى ئارقىلىق باھا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ