3-نۆۋەتلىك 7-تۈركۈمدىكى مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ھەممىسىدە نازارەت قىلىش بويىچە ئورۇنلىشىش تاماملاندى

2026.10.16 15:11 مەنبە: خەلق تورى

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش 2-گۇرۇپپىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى نازارەت قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى 15-چېسىلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇنىڭ بىلەن 3- نۆۋەتلىك 7-تۈركۈمدىكى مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىن بەشى ئورۇنلىشىپ نازارەت قىلىشنى باشلىدى.

خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئىككى دائىملىق نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلىشىش ۋاقتى بىر ئاي، ئۈچ مەخسۇس نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلىشىش ۋاقتى ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ. ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە، ئىككى دائىملىق نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ، نازارەت قىلىش ئوبيېكتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغدىشىغا دائىر تېلېفون، خەت-چەك ئارقىلىق كەلگەن ئەرزىيەتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 8 دىن 20 گىچە بولىدۇ. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىنتىزام تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكت ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ