سودا مىنىستىرلىقى مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ھوقۇق-مەنپەئەت ساقلانما مىقدارى 26 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى

2026.10.16 15:10 مەنبە: خەلق تورى

15-چېسلا چۈشتىن كېيىن، سودا مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خې يادۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا، سودا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 2025-يىللىق چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرى دوكلاتىنىڭ يىللىق سانلىق مەلۇماتىنى جەملەپ تاماملىدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جەمئىي 461 مىڭ چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسى يىللىق مەلۇمات تاپشۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشقان. دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ ساقلانما مىقدارى 26 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۇدا ئالتە يىل ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ