شىنجاڭ نىزام چىقىرىپ ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

2026.10.16 15:09 مەنبە: خەلق تورى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە باشقۇرۇش نىزامى» يېقىندا ئېلان قىلىندى، 2027-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

نىزامدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش، ئىجارىگە بېرىش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بىكار تۇرغان ھويلا-ئارام، ئۆيلۈك يەر، تۇرالغۇ قاتارلىق بايلىقلارنى يىرىك پىلاندىكى تەلەپ ۋە يەر ئىشلىتىش ئۆلچىمى بويىچە ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ، يېڭىدىن ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ؛ شارائىتى ھازىرلانغان يېزىلاردىكى بىكار تۇرغان بايلىقلار ياكى كونا بازار (كوچا) رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىشكە مەدەت بېرىلىدۇ؛ ئاھالىلەر ئۆز تۇرالغۇسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ