
يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى بەشېرىق بازىرى قۇمھويلا كەنتىدىكى ئۇزۇن تالالىق پاختىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ ئەمەلىي ھوسۇلى ئۆلچەندى. كۆپ ئورۇننىڭ بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا ئەمەلىي ئۆلچەش ئارقىلىق، ئۇزۇن تالالىق پاختا سورتى " شىنخەي 61-نومۇر"نىڭ ۋەكىللىك ئەۋرىشكە نۇقتىسىنى چىگىتلىك پاختىغا سۇندۇرغاندا، مو بېشى ھوسۇلى 505.4 كىلوگىرامغا يېتىپ، شىنجاڭ بويىچە ئۇزۇن تالالىق پاختىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىدا رېكورت ياراتتى.
بۇ قېتىمقى مەھسۇلاتنى باھالاشقا ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاختا تەتقىقات ئورنى باشلامچى بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي رايون يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى، غەربىي جەنۇب (شىنەن) داشۆسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزى، بىڭتۈەن 1-شىسى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن باھالاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەندى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 230 مو تۇتاش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىن 2.98 مو ۋەكىللىك ئۈلگە نۇقتىسىنى تاللاپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا يىغىۋېلىش، مەھسۇلات مىقدارىنى ھېسابلاش ۋە ئېچىلغان تالانىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 1189 كىلوگرام چىگىتلىك پاختا يىغىۋالدى. مەھسۇلاتنى ئۆلچەش تەرتىپى قېلىپلاشقان، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ پۈتۈن جەريانىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان بولۇپ، نەتىجىسى نەق مەيداندىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ