DeepSeek تولۇقلىما بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى

2026.10.16 15:07 مەنبە: خەلق تورى

10-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچقۇرۇن، DeepSeek نىڭ ئورگان تەرەپ ئوچۇق سۇپىسى مۇلازىمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تولۇقلىما بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: بېيجىڭ ۋاقتى 2026-يىل 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 8:11 دىن 13:04 كىچە بولغان ئارىلىقتا، DeepSeek نىڭ مۇلازىمەت سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ، شۇ ۋاقىتتىكى API مۇلازىمىتى نورمال ئىشلىمەي قالغان.

تولۇقلىما سۈپىتىدە، DeepSeek ئابونىچىلار ھېسابات نومۇرى بويىچە 7 كۈن ئىچىدىكى (10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە) سەرپىيات سوممىسىنى ھەدىيە پۇلى شەكلىدە تولۇق قايتۇرىدۇ، ھەدىيە پۇلى ئاپتوماتىك ھېساباتقا كىرىدۇ، API ھەق ھېسابلاپ تۇتۇپ قالغان پۇل ئالدى بىلەن ھەدىيە پۇلى ھېساباتىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ