يۈز سەككىز چاقىرىم يولدىكى «چىڭپىڭلې · ليۇپەنشەن» (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدىكى ئۇزۇن سەپەر ھېكايىسى)

2026.10.16 15:01 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز چىن رۇيجيې

بۇ يىل 9-ئايدا، ليۇپەنشەندىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر خاتىرە مەيدانىدا «چىڭپىڭلې . ليۇپەنشەن»نى 1000 كىشىلىك كوللېكتىپ دېكلاماتسىيە قىلىش باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

سۈرەتنى لۇڭدې ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن

نىڭشيا مۇزېيىدىكى «جەۋلان قىلار قىزىل بايراق» نىڭشيا ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىدە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ «چىڭپىڭلې . ليۇپەنشەن» ناملىق شېئىرىنىڭ قول يازمىسىنىڭ فوتو باسما نۇسخىسى ساقلانغانىدى: ئالتە پارچە 16 فورماتلىق شۈەنزى قەغىزىدىن قۇراشتۇرۇلغان پىلاكاتنىڭ قەغەزلىرى سارغىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، خەتلەر يەنىلا جانلىق ئىدى. شېئىرنىڭ ئاخىرىغا كىچىك بىر قۇر قىلىپ «1961-يىلى 9-ئاي، نىڭشيالىق يولداشنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن» دەپ ئىزاھات بېرىلگەنىدى. چۈشەندۈرگۈچى مۇنداق دېدى:«جەۋلان قىلار قىزىل بايراق» دېگەن بۇ كۆرگەزمە زالىنىڭ نامى شېئىردىكى «ليۇپەنشەن تېغى چوققىسىدا، جەۋلان قىلار قىزىل بايراق غەرب شامىلىدا» دېگەن مىسرالاردىن ئېلىنغان.

كۆرگەزمە ئىشكاپىدا قويۇلغان بىر پارچە فوتو باسما بۇيۇم نېمە ئۈچۈن 60 نەچچە يىلدىن بۇيان يەنىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى؟ نىڭشيادىكى بىر تاغ يولى دەل بۇنىڭ جاۋابىدۇر.

1935-يىلى 10-ئايدا، ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنى باشلاپ ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تاغ − ليۇپەنشەن تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يولدا «ئۇزۇن سەپەر قوشىقى»نى ئىجاد قىلدى، كېيىن كۆپ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، تېمىسىنى «چىڭپىڭلې · ليۇپەنشەن» قىلىپ بېكىتتى.

1961-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، نىڭشيادىكى يولداشلارنىڭ تەكلىپى بىلەن، ماۋ زېدۇڭ بۇ شېئىرنى قايتا يېزىپ، دەسلەپكى ئارگىنالدىكى «تۇغ-ئەلەم جەۋلان قىلار غەرب شامىلىدا» دېگەن مىسرانى «جەۋلان قىلار قىزىل بايراق غەرب شامىلىدا» دەپ ئۆزگەرتىپ، دۇڭ بىۋۇغا نىڭشياغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ھاۋالە قىلدى. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، بۇ شېئىر «نىڭشيا گېزىتى»نىڭ باش بېتىگە قىزىل رەڭ بېرىلىپ ئېلان قىلىندى. بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، نىڭشيا يىنچۇەندىكى ھۈنەرۋەنلەر شېئىرنىڭ قوليازمىسىنى بىر خەت-بىر خەتتىن خېلەنشى تېشىغا ئويۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر، كەڭلىكى بىر مېتىر كېلىدىغان تاش توسۇق ياساپ، بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ نىڭشيا زالىغا ئېسىپ قويدى.

60 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ شېئىر قەغەز يۈزىدە توختاپ قالمىدى.

بۇ يىل چىڭمىڭ بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، تاڭ تېخى يورۇماستىنلا، نىڭشيا گۇيۈەن شەھىرى گۇيۈەن 2-ئوتتۇرا مەكتىپى، خۇڭۋېن ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەم ھەر ساھە زاتلاردىن بولۇپ 3000 دىن ئارتۇق كىشى قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، گۇيۈەن شەھەر رايونىدىن پىيادە يولغا چىقتى. ئۇلار پېڭياڭ ناھىيەسىدىكى رېنشەنخې ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، ئۇ يەردە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدا ياتقان 390 دىن ئارتۇق ئىنقىلابىي قۇربانغا تەزىيە بىلدۈردى، بېرىپ-كېلىش ئۈچۈن 108 چاقىرىم يول يۈردى.

مۇشۇنداق بىر مەيدان «جانلىق ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى» 1995-يىلى چىڭمىڭ بايرىمىدىن ھازىرغىچە 31 يىل ئۈزۈلۈپ قالمىدى.

«ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيە قارلىق تاغقا يامىشىپ، ئوتلاقتىن ئۆتكەن، بۈگۈنكى بالىلار چوقۇم بۇ 100 چاقىرىملىق تاغ يولىنى بېسىپ بولالايدۇ.» 31 يىل ئىلگىرى، شۇ يىلى 40 ياشقا كىرگەن گۇيۈەن 2-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ سابىق مۇدىرى خەن خۇڭ تولۇقسىز 1-يىللىقتىكى 300 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنى باشلاپ تۇنجى قەدەمنى باسقانىدى.

خەن خۇڭ يېزىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇزۇن سەپەر تارىخىغا پىششىق ئىدى. شۇ يىللاردىكى يولنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن بىر بۆلىكى «دېھقانلار قوي باققاندا مېڭىپ ھاسىل قىلغان ئەگرى-بۈگرى چىغىر يول» ئىدى. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ نەچچە كۈن بۇرۇن بىرنەچچە ئوقۇتقۇچىنى باشلاپ لىنىيەنى نەق مەيدانغا بىر قېتىم بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ يەنە بالىلارغا «قورساق ئاچ بىر مەزگىل يول يۈرۈپ، ئەينى يىللاردىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلىپ بېقىش» تەكلىپىنى بەردى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ 70 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، بۇ تاغ يولىنى تىلغا ئالسا يەنىلا ھاياجانلىنىدۇ. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يۈز چاقىرىملىق پىيادە مېڭىش بالىلارغا بۇنىڭ بىر خىل «مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىدىغان» سەپداشلىق دوستلۇق ئىكەنلىكى، يەنى ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى يار-يۆلەك بىلەن ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا يار-يۆلەكنىڭ ئوخشاش بىر خىل كۈچ ئىكەنلىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

بۇ يىل خۇاڭماۋشەندىن ھالقىپ ئۆتكەندە، خۇڭۋېن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ زېيۈ ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ كېتىپ پۇتى قايرىلىپ كەتتى. ئوقۇتقۇچىسى ۋە بىللە كەلگەن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئۇنى ئاپتوموبىلغا چىقىشقا نەسىھەت قىلدى، ئۇ بېشىنى چايقاپ:«ئىنقىلابىي جەڭچىلەر ئەزەلدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىغان تۇرسا، مەن قانداقمۇ توختىيالايمەن؟» دېدى. ساۋاقداشلىرى ئۇنى يۆلەپ، چوڭ قىسىمنىڭ كەينىدىن بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئەگىشىپ مېڭىپ، باشتىن-ئاخىر توختاپ قالمىدى.

پىيادە مېڭىشقا قاتناشقان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ جياچى سەھەر سائەت 3 تىن ئاشقاندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. بىر-ئىككى سائەت ماڭغاندىن كېيىن، پۇتى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتتى. قەبرىستانلىققا كىرىپ، 390 دىن ئارتۇق قەبرە تېشى ئالدىدا، ئۇ ئاپىسى تىقىپ قويغان، يول بويى يېيىشكە كۆزى قىيمىغان كەمپۈتنى چىقىرىپ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسى ئالدىغا قويۇپ: «ئۇلارمۇ بۈگۈنكى شېرىن كۈنەلرنىڭ تەمنى تېتىپ باقسۇن» دېدى.

خەن خۇڭنىڭ نەزەرىدە، بۇ 108 چاقىرىم يول «سەددىچىن سېپىلىگە چىقمىغانلار ئەزىمەت ھېسابلانمايدۇ» دېگەن شوئارنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ: «سەددىچىن سېپىلى» باشقا يەردە ئەمەس، بالىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا؛ «ئەزىمەت» بىر جۈملە شوئار ئەمەس، بەلكى پۇتىنى قايرىۋالسىمۇ ئىنقىلابىي قۇربانلار ئابىدىسى ئالدىغا كېلىدىغان قەتئىي ئىرادە.

بىر پارچە شېئىرنىڭ «يېڭى»لىقى شۇكى، ئۇ شۈەنزى قەغىزىدىن رېئاللىققا قەدەم باستى.

31 يىلدا، بۇ «جانلىق ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى» بىر مەكتەپنىڭ ئىشىدىن پۈتۈن شەھەر قاتنىشىىدىغان ئىشقا ئايلاندى، يەنە قىسقا سىندىن پايدىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى، ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ توردا كۆرۈلۈش مىقدارى نەچچە مىليارد قېتىمغا يەتتى. شەندۇڭ دېجوۋدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى توختىماي تېلېفون بېرىپ، يىغقان پۇللىرىنى ئىئانە قىلىپ مەخسۇس ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلماقچى بولدى؛ خېيلۇڭجياڭ، سىچۇەن، سەنشىدىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ قوشۇنغا قاتناشتى؛ بېيجىڭ داشۆدىكى ئون نەچچە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىمۇ يول بويى بىللە ماڭدى. «بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ» دېدى بۇ يىل چىڭمىڭ بايرىمىدا، پىيادە مېڭىشقا قاتناشقان ھەربىيدىن چېكىنگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى دىڭ ۋېيچاۋ.

شېئىردىكى «ئۇزۇن سەپەر يولى» ليۇپەنشەن تېغىدا ماڭغانسېرى كېڭەيدى.

گۇيۈەن شەھىرى ليۇپەنشەن قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر ساياھەت رايونىدا يېڭىدىن 2.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «قىزىل ئارمىيە چىغىر يولى» ياسالدى، 18 گۇرۇپپا ھەيكەل ئارقىلىق «شياڭجياڭ دەرياسىدىكى قانلىق جەڭ»، «زۇنيى يىغىنى»، «چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈش» قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر تەرتىپ بويىچە نامايان قىلىنىپ، چۆكمە شەكىلدىكى ھەقىقىي مەنزىرىلىك ئويۇن «ئۆچمەس ئۇزۇن سەپەر» ماسلاشتۇرۇلۇپ قويۇلدى؛ خاتىرە سارايدىكى VR (مەۋھۇم رېئاللىق) ھېس قىلىش رايونىدا، ساياھەتچىلەر قارلىق تاغدىن ھالقىشنىڭ جاپاسىنى «بىۋاسىتە»ھېس قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ليۇپەنشەن قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر مەنزىرە رايونى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ياش-ئۆسمۈر ساياھەتچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 تىن ئاشتى؛ تاغ باغرىدىكى ياڭجياديەن «قىزىل ئارمىيە كەنتى»دە، قىزىل دېھقانلار ئارامگاھى، ئورمان موگۇسى كەسپى 40 نەچچە دېھقان ئائىلىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، ئائىلىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى؛ ساياھەت رايونىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە زالى ليۇپەنشەن تېغىدىكى كەشتە، لاي ھەيكەللەرنى ئۇزۇن سەپەر ھېكايىسى بىلەن بىللە «تاغدىن سىرتقا يۈزلەندۈردى.»

بىر پارچە شېئىرنىڭ فوتو باسما نۇسخىسىدىن پىيادە مېڭىش دەرسى، قىزىل ئارمىيە چىغىر يولى، A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغىچە، يەنە مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان جۈپ ئۆسمۈرنىڭ ئاياغ ئاستىدىكى 108 چاقىرىملىق يولغىچە، ئۇزۇن سەپەر يولىدا ئىجاد قىلىنغان، 60 نەچچە يىل ئىلگىرى شۈەنزى قەغىزىگە يېزىلغان بۇ شېئىر باشتىن-ئاخىر ھەرىكەتتىن توختاپ قالمىدى.

ھەر يىلى چىڭمىڭ بايرىمىدا پىيادە مېڭىش ئاخىرلىشىپ، گۇگۇم چۈشكەندە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قايتىدۇ، ئاتا-ئانىلار گۈل كۆتۈرۈپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بالدۇرلا ساقلايدۇ. خۇڭۋېن ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رېن خاۋ مۇنداق دېدى:«10 مىڭ قېتىملىق قۇرۇق سەپسەتىدىن بىر قېتىملىق مەڭگۈ ئەستە ساقلايدىغان ئەمەلىيەت ئەلا. بىز بۇ يولدا داۋاملىق ماڭىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ