يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى 107 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى "ھاۋا يىپەك يولى"نى راۋانلاشتۇردى

2026.10.15 16:07 مەنبە: خەلق تورى

2026/2027-يىللىق خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ بازىرىدىكى تىرانسپورت كۈچى سېلىنمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى. يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا 107 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئىجرا قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى قىشلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدىن يەتتىسى كۆپەيدى؛ قاتناش نۇقتىسى 70 كە كېڭەيتىلىپ، كۈندىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى 245 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 قېتىم كۆپەيدى.

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-چۇڭچىڭ-جيېياڭ، ئۈرۈمچى-تەييۈەن-ليەنيۈنگاڭ، ئۈرۈمچى-تەييۈەن-جياشىڭ، ئۈرۈمچى-چېڭدۇ شۇاڭليۇ، ئۈرۈمچى-شاڭخەي پۇدۇڭ قاتارلىق بەش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ. ماس قەدەمدە 10 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، بۇلار خوتەن-ئۈرۈمچى-شىئەن، ئۈرۈمچى-شىئەن-خېفېي، ئۈرۈمچى-لەنجۇ-چاڭچۈن، ئۈرۈمچى-گۇيياڭ-سەنيا، ئۈرۈمچى-خەيكوۋ، ئۈرۈمچى-سەنيا، خەيكوۋ-گۇيياڭ-ئۈرۈمچى، ئۈرۈمچى-تيەنجىن-داليەن، نەننىڭ-چۇڭچىڭ-ئۈرۈمچى، داليەن-شىئەن-ئۈرۈمچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شىنجاڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋا يولى تورى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇلىدۇ.

شىنجاڭ ئىچىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە كۈنىگە 7~8 نۆۋەتچى ئايروپىلان، غۇلجا، خوتەن، ئاقسۇغا كۈنىگە 5 نۆۋەتچى ئايروپىلان، كۇچاغا كۈنىگە 2 نۆۋەتچى ئايروپىلان، يەكەن، ئالتايغا كۈنىگە 2 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرىدۇ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە تورى تېخىمۇ قولاي بولىدۇ. يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا 21 خەلقئ‍ارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئىجرا قىلىدۇ، بۇ 16 شەھەرگە چېتىلىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا ھەپتىدە 65 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10 قېتىم كۆپىيىدۇ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى يەنىمۇ ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ