
مۇخبىرنىڭ 13ـ چېسىلا ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارنى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاساسىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ، تەربىيەلەش، كىرگۈزۈش، ئېلىپ قېلىپ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرگەن. 15 مىڭدىن ئارتۇق نىشانلىق تېببىي پەن ئوقۇغۇچىسىنى تەربىيەلەپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېزا دوختۇرى مەخسۇس پىلانى ئارقىلىق ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە تېببىي پەن كەسپىنى پۈتكۈزگەن 1749 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىگەن.
نىشانلىق تەربىيەلەش ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ مۇھىم مەنبەسى. 2010-يىلىدىن باشلاپ يېزىلارنىڭ زاكازلىق، نىشانلىق تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەش پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ 15 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرستا نىشانلىق تەربىيەلەپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارغا 4.7 تولۇق كۇرس نىشانلىق تېببىي پەن ئوقۇغۇچىسىنى يەتكۈزۈپ بەردى. تولۇق كۇرس نىشانلىق تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇنىۋېرسال كەسپىي كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشكە بىۋاسىتە قاتناشتى، كەسپىي ئىشتاتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، "ناھىيە باشقۇرۇپ يېزا ئىشلىتىش"، "يېزا باشقۇرۇپ كەنت ئىشلىتىش" يولغا قويۇلۇپ، يېزا كەنتلەرنىڭ داۋالاشتىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېزا دوختۇرلىرى مەخسۇس پىلانىنى تولۇقلىما قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ تولۇقلىدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇ پىلان ئارقىلىق ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە تېببىي كەسىپنى پۈتكۈزگەن 1749 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ھەممىسىنى ئىشتات كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر "ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش" پىلانى بويىچە تېببىي خادىملارنى قوبۇل قىلىش، پېنسىيەگە چىققان تېببىي خادىملارنى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىختىساسلىقلىرىنى تولۇقلاش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ