
يېقىندا، فىلىپپىندا يەنە بىر قېتىم مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى: جەنۇبىي رايوندىكى مىنداناۋ ئارىلىنىڭ جەنۇبىي كوتاباتو ئۆلكىسىدىكى بىر دۆلەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، 9-يىللىقتا ئوقۇيدىغان 16 ياشلىق ئوقۇغۇچى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوق چىقارغان، ئارقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي بانگا بازىرىنىڭ باشلىقى ئالبېرت پالېنسىيەنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوق چىقارغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، ئاز دېگەندە سەككىز ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. بۇ فىلىپپىندا بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئۈچىنچى قېتىملىق ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى بولۇپ، قورال-ياراغلارنىڭ يامراپ كېتىشى بىلەن مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم بۇ دۆلەتنىڭ ئاممىۋى پىكىر قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.
پارېنسىيەنىڭ ئېيتىشىچە، جىنايەت گۇماندارى دادىسىنىڭ 9 مىللىمېتىر كالىبىرلىق تاپانچىسىنى ئىشلەتكەن. قورال ئەسلىدە ئۆيىدىكى بىخەتەر ئىشكاپتا ساقلانغان بولۇپ، جىنايەت گۇماندارى بىخەتەر ئىشكاپنى بۇزغان ۋە قورالنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرگەن. ساقچى تەرەپ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت يەنىلا ئۇنىڭ دېلو سادىر قىلىش مۇددىئاسىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ