
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2026-يىل 9-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەرنىڭ %0.9، يېزىلارنىڭ %0.8 ئۆرلىگەن؛ يېمەكلىك باھاسى %1.7 تۆۋەنلىگەن، يېمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى %1.5 ئۆرلىگەن؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %1، مۇلازىمەت باھاسى %0.8 ئۆرلىگەن. 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %0.9 ئۆسكەن.
9-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستىمال باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆسكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەرنىڭ %0.2، يېزىلارنىڭ %0.4 ئۆرلىگەن؛ يېمەكلىك باھاسى %0.4، غەيرىي يېمەكلىك باھاسى %0.2 ئۆرلىگەن؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %0.5 ئۆرلىگەن، مۇلازىمەت باھاسى %0.2 تۆۋەنلىگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ