گاۋتيېدا تېلېفوندا قوش ئاۋازنى ئېچىپ بىر سائەت پاراڭلىشىپ ئالدىنقى رەتتىكى يولۇچىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان، بۇ ئىش قىزىق نۇقتىنىڭ بىرىنچىىسىگە چىقتى، ھۆكۈمەت تەرەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2026.10.15 15:58 مەنبە: خەلق تورى

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، "بىر قىز گاۋتيېدا ئوغۇل دوستى بىلەن بىر سائەت قوش ئاۋازنى ئېچىپ تېلېفونلاشتى" دېگەن تېما قىزىق نۇقتىنىڭ بىرىنچىسىگە چىقتى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر يولۇچى گاۋتيېدا ئوغۇل دوستى بىلەن بىر سائەتتىن ئارتۇق قوش ئاۋازنى ئېچىپ تېلېفونلاشقان، ئالدىنقى رەتتىكى يولۇچى چىداپ تۇرالماي ئورنىدىن تۇرۇپ: "بۇ ئاممىۋى بوشلۇق، سىزنىڭ مېھمانخانا ئۆيىڭىز ئەمەس" دەپ توسقان.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، شاڭخەي تۆمۈر يولى نەنجىڭ يولۇچى توشۇش ئ‍ۇچاستىكىسىنىڭ ھۆكۈمەت بىلوگى ئەھۋالنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئېلان قىلدى.

2026-يىل 10-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 13 ئەتراپىدا، شاڭخەي تۆمۈر يولى نەنجىڭ يولۇچىلار ئۇچاستىكىسىدا يۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن شاڭخەي خۇڭچياۋ ۋوگزالىغا بارىدىغان G735-قېتىملىق پويىز جىنەن غەربىي ۋوگزالىدىن يولغا چىققاندىن كېيىن، پويىز خىزمەتچىلىرى دائىملىق چارلاۋاتقاندا، 10-ۋاگوندىكى ئىككى ئايال يولۇچىنىڭ جېدەللىشىپ قالغانلىقىنى بايقاپ، سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىپ ۋە مۇرەسسە قىلىپ، جېدەلنى بېسىقتۇرغان؛ سەمىگە سېلىپ نەسىھەت قىلىش نەتىجىسىدە، يان تېلېفوندا قوش ئاۋازنى ئېچىپ پاراڭلاشقان ئايال يولۇچى تېلېفوننى قويۇۋەتكەن، كېيىن بۇنداق ئەھۋال قايتا يۈز بەرمىگەن.

تۆمۈر يول تارماقلىرى شۇنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇكى، يولۇچىلار پويىزغا مەدەنىي ئولتۇرۇپ، پويىز ۋاگونى، پويىز كۈتۈش ئۆيى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەندە باشقىلارغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىپ، بىرلىكتە مەدەنىي، ئىناق ساياھەت مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ