
13-چېسىلا، ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ لوندوندىن پورتۇگالىيەگە ئۇچقان بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانى "يېنىك تېخنىكىلىق كاشىلا" سەۋەبىدىن قايتىپ كەلگەن، ئالاقىدار كاشىلا يولۇچىلار بۆلمىسى دېرىزىسىگە دەز كېتىش ئىكەن.
ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ BA2660 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئەسلىدە لوندوننىڭ گاتۋىك ئايرودۇرۇمىدىن پورتۇگالىيەنىڭ فارۇغا قاراپ ئۇچماقچى بولغان، لېكىن ئاخىرىدا لوندوننىڭ گاتۋىك ئايرودۇرۇمىغا قايتىپ كەلگەن.
ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئايروپىلان بىخەتەر قوندى، ئاۋىياتسىيە شىركىتى كېچىككەنلىكى ئۈچۈن يولۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورىدى، شۇنداقلا يولۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى سەپەرگە چىقىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكىنىڭ چىكاكوغا ئۇچقان ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانى ئېرلاندىيە ئاسمىنىدا بەش سائەت ئايلىنىپ، كېيىن يەنە لوندون ھىسروۋ ئايرودرومىغا قايتىپ قونغان، يېرىم يولدا يۇقىرى سۈرئەتتە تۆۋەنلەشتەك جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ