
گېرمانىيەنىڭ قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەردىن باج ئېلىشقا ئالاقىدار بىر تۈرلۈك لايىھەسى ئىچكى كابېنت قاتلىمىغا تاپشۇرۇلدى، ئەگەر تەستىقلانسا، گېرمانىيە 2027-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەردىن باج ئالىدۇ، لېكىن كۆلىمى كىچىكرەك ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىدىن باج كەچۈرۈم قىلىدۇ.
گىرمانىيە تەرەپنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ لايىھەگە ئاساسەن، ھەر 100 مىللىلىتىردىكى قەنت مىقدارى 5 گىرام ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەردىن ھەر لىتىرىغا 26 ياۋروپا سېنتىملىق باج نىسبىتى بويىچە باج ئېلىنىدۇ؛ ھەر 100 مىللىلىتىردىكى قەنت مىقدارى 8 گىرام ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغاندا، ھەر لىتىرىنىڭ باج نىسبىتى 32 ياۋروپا سېنتىغا ئۆستۈرۈلىدۇ. تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىلگەن ئىچىملىك ۋە ساپ مېۋە شەربەتلىرى بۇ باج ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ، ئىسپىرتسىز پىۋا، ئىسپىرتسىز ئۈزۈم ھارىقى ھەمدە دادۇر، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، ئۇرۇق ياكى دانلىق زىرائەتلەرنى خام ئەشيا قىلىپ ياسالغان ئىچىملىكلەردىن ئوخشاشلا باج ئېلىنمايدۇ.
يىللىق مەھسۇلات مىقدارى بىر مىليون لىتىرغا يەتمەيدىغان قەنت تەركىبلىك ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىدىن بۇ باج كەچۈرۈم قىلىنىپ، بۇ تۈردىكى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشتىن ساقلىنىدۇ.
ئالاقىدار خەۋەردە يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 14-چېسىلا بۇ باج ئېلىش لايىھەسىنى تەستىقلىشىدىن ئۈمىد بار دېيىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ باج 2027-يىلى ۋە 2028-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 690 مىليون ياۋرو ۋە 925 مىليون ياۋرو مالىيە كىرىمى ئېلىپ كېلىدىكەن.
قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەردىن باج ئېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا گېرمانىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىلگىرى ئىختىلاپ ساقلانغان، خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى بىلەن خىرىستىيان دىنى ئىجتىمائىي ئىتتىپاقىدىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاق پارتىيەسى ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەردىن باج ئېلىش ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، دەپ قارىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ