
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 140-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋار سودا يەرمەنكىسى (گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى)گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى تەسىس قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك سۇپىسىغا ئايلاندى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە سىجىل تۈردە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
140-نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى شۇ كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرىدە باشلاندى، سودا مىنىستىرلىقى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ