
بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ساقلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشى پەقەت كارخانىنىڭ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلمايدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى مۇقەررەر ئۆزگىرىپ كېتىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، قىسمەن يېمەكلىكلەرنى يەنىلا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن سۈپىتى تۆۋەنلەپ، ئوزۇقلۇقى ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن، ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلسا ئادەتتە چاتاق چىقمايدۇ. ئەمما، يوشۇرۇن سۈپەت ئۆزگىرىش(مەسىلەن، زەمبۇرۇغ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە، توكسىن ياكى ئوكسىدلىنىپ ئېچىش)نى كۆز بىلەن پەرق ئېتىش تەس بولۇپ، ئاسانلا ساغلاملىققا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىك كېرەك.
سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بىر ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكنى يېگىلى بولامدۇ؟ بۇنى ئەھۋالغا قارىتا قارار قىلىش كېرەك. سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۇزۇن يېمەكلىكلەر(سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئالتە ئايدىن يۇقىرى بولغانلىرى)نىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن بىلەن ۋاقتى ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر كۈننىڭ پەرقى چوڭ بولمايدۇ، يەنىلا يېيىشكە بولىدۇ؛ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى قىسقا يېمەكلىكلەر(سۈپەت كاپالەت مۇددىتى 30كۈندىن ئالتە ئايغىچە)نىڭ خەتىرى چوڭ، ئەڭ ياخشىسى يېمەي تاشلىۋېتىش لازىم.
سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۇزۇن يېمەكلىكلەر ئادەتتە قاتتىق مىكروبسىزلاندۇرۇلىدۇ ياكى يېمەكلىكنىڭ ئۆزىدىكى مۇھىت مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەيدۇ، مەسىلەن: كونسېرۋا، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلار، "ۋاقتى بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەن" بىلەن "يەنە بىر نەچچە كۈن ۋاقتى بولۇش"نىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس. سۈپەت كاپالەت مۇددىتى قىسقا يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە مىكرو ئورگانىزم مەسىلىسى تولۇق ھەل قىلىنمىغان بولىدۇ، شۇڭا سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئادەتتە ئىمكانقەدەر قىسقارتىلىدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، ئاسانلا مىكرو ئورگانىزم كۆرسەتكۈچى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا ۋاقتى ئۆتكەن قېتىق، پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ