ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىسە، كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارغا بېرىلىدىغان باج ئېتىبارىدىن قوش بەھرىمەن بولىدۇ

2026.10.13 15:11 مەنبە: خەلق تورى

نۆۋەتتە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئارقا-ئارقىدىن خىزمەت ئورنىغا چىقتى، يەنە نۇرغۇنلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىنى باشلىدى. مۇخبىرنىڭ يېقىندا باج تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە دائىر باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن مەسلىھەت سوراش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەت بويىچە، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار يەككە سودا-سانائەتچىلىككە تىزىملىتىشنى تاماملىغان ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى» بېجىرگەندىن كېيىن، باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا مۇناسىپ باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىرلىشىپ چىقارغان «نۇقتىلىق ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يەنىمۇ قوللاشقا ئالاقىدار باج سىياسىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)قا ئاساسەن، 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2027-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە،«ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى» بار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن يىلى ئىچىدە يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن يەككە سودا-سانائەتچىلىككە تىزىملاتقان ئايدىن باشلاپ، ئۈچ يىل (36 ئاي) ئىچىدە ھەر ئائىلىگە يىلىغا 20 مىڭ يۈەن چەك قويۇش ئاساسىدا، شۇ يىلى ئەمەلىي تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك قوشۇلما قىممەت بېجى، شەھەر ئاسراش-قۇرۇلۇش بېجى، مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچە بېجى، يەرلىك مائارىپ قوشۇمچە بېجى ۋە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تەرتىپ بويىچە چىقىرىۋېتىلىدۇ. چەك ئۆلچىمىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %20 ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ