
2027-يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ "ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى" دېيىلىدۇ) نۆۋەتتە مەركەزلىك سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققى تاپشۇرۇش مەزگىلىگە كىردى، ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى 2026-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2027-يىل 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك خادىملار ۋە بەلگىلىمە بويىچە باشقا كاپالەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلاردىن باشقا بارلىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى: 18 ياش (18 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىن يۇقىرى ئاھالىلەر: ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 400 يۈەن + ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى 25 يۈەن. 18 ياشتىن تۆۋەن (18 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئاھالىلەر: ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 400 يۈەن، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمىسىمۇ تەمىناتتىن بىۋاسىتە بەھرىمەن بولالايدۇ.
داۋالىنىش ياردىمى ئوبيېكتلىرىغا تۈرگە ئايرىپ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ياردىمى بېرىلىدۇ: ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا (يېتىم بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تولۇق سوممىلىق ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىغا 319 يۈەن (بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى 19 يۈەن)، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوبيېكتلىرىغا 255 يۈەن (بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى 15 يۈەن) نورمىلىق ياردەم بېرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ