
10-ئاينىڭ 9-كۈنى 57-قېتىملىق دۇنيا پوچتا كۈنى، شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى شىنجاڭ پوچتا كەسپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ئىشتاتلىق كەنتلەردە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 880 مىڭ تېز يوللانما-پوسۇلكا يېزىلارغا يەتكۈزۈلدى-ئەۋەتىلدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، شىنجاڭ شەھەر-يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدىكى "قىل قان تومۇر"نى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇردى، تور ئۇزارتىلغان جاي دەل ھاياتىي كۈچ يەتكۈزۈلگەن جاي.
"شىنجاڭغا توشۇلىدىغان يوللانمىلارنىڭ توشۇش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش"نىڭ سۈپىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇپ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. 8622 كەنت دەرىجىلىك ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى يېزىلارنىڭ چەت-يىراق جايلىرىدىكى مۇلازىمەت قىلىش كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، باراۋەر، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش شەكلىدىكى ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر-يېزا ئاممىسىنى رايون ھالقىغان ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەتتىن باراۋەر بەھرىلەندۈردى.
يېزىلاردا ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش تورىنى ئۈزلۈكسىز زىچ توقۇش پەقەت شىنجاڭ پوچتا كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى. شىنجاڭ پوچتا كەسپىنىڭ تور بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى سىجىل كېڭەيتىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان، شەھەر-يېزىلارغا چوڭقۇر سىڭگەن، پۈتۈن مەملىكەتكە بىۋاسىتە يەتكۈزىدىغان، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش تورى بەرپا قىلىندى. ئۈرۈمچىنى يادرو، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىقلار جايلارنى تايانچ قىلغان دۆلەت پوچتا تېز يەتكۈزۈش تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى سىجىل، تېز ئۆستۈرۈلۈپ ھەم تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا چەت ئەل ئامبىرى قۇرۇلۇپ، چېگرا ھالقىغان ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش تورى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، چېگرا ھالقىغان سەككىز تولۇق يۈكلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاسىيا-ياۋروپادىكى نۇقتىلىق شەھەرلەرگە بىۋاسىتە تۇتىشىپ، "تاشيول، تۆمۈريول، ھاۋا يولى" ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئىستېرېئولۇق يول يۇقىرى ئۈنۈمدە راۋانلاشتۇرۇلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ