
4-نۆۋەتلىك ”شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لوڭقىسى“ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى كورلا شەھىرىدە باشلاندى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن 13 ۋەكىللەر كوماندىسى كورلىغا جەم بولۇپ،27 مەيدان بەسلىشىدۇ.
جەمئىي ئۈچ ئورۇندا مۇسابىقە مەيدانى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بايىنغولىن تەنتەربىيە مەيدانى ئاساسىي مۇسابىقە مەيدانى قىلىنغان، ئىتتىپاق تەنتەربىيە مەيدانى ۋە باشئەگىم شەھەرلىك تەنتەربىيە باغچىسى پۇتبول مەيدانى تارماق مۇسابىقە مەيدانى قىلىنغان. مۇسابىقە گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، گىرەلەشمە شاللاش مۇسابىقىسى، دەرىجە مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنگەن، 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ يەككە ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە گىرەلەشمە شاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، 10-ئاينىڭ 16-كۈنى دەرىجە مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ.
كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چىن لياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ، بۇ مۇسابىقە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كورلىدا ئۆتكۈزۈلۈشى. ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ”يەرلىك + بىڭتۈەن“دىن ئىبارەت ئۈچ مەيدان ماس قەدەمدە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا سانى،شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قاپلاش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى، ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ تەرتىپى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ دەرىجىسىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھكىمىسى يېتەكچىلىك قىلىدۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى تەنتەربىيە ئىدارىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ