تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ! قىسمەن جايلاردا ئوتتۇرا ھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ! پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا تېزدىن نەزەر سېلىڭ ←

2026.10.12 15:03 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئۈندىدار سالونىنىڭ 10 ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا

كەلگۈسى نەچچە كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلاردا قار-يامغۇر ياغىدىكەن.

قىسمەن جايلاردا ئوتتۇرا ھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدىكەن.

قىسمەن تاغلىق رايونلارنىڭ ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى بىرقەدەر چوڭ بولىدىكەن.

قار-يامغۇرلۇق ھاۋا رايى ئاسانلا يولنىڭ تېيىلغاق بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساياھەت ۋە قاتناشقا پايدىسىز تەسىرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 14-كۈنى كۈندۈزگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شەرقىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 3 سېلسىيە گىرادۇستىن 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن.

ئەتىگەن، كەچتە سوغۇق كۈچىيىدىكەن.

ئامما سىرتقا چىققاندا ۋاقتىدا قېلىن كىيىملەرنى كىيىۋېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ