جېڭ چىنۋېن جۇڭگو تېننىس توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىدە تۇنجى جۇڭگولۇق چېمپىيون بولۇپ قالدى

2026.10.12 14:59 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا ئاياغلاشقان 2026-يىللىق جۇڭگو تېننىس توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگولۇق ماھىر جېڭ چىنۋېن 2:0 نەتىجە بىلەن فىرانسىيە تېننىس توپ مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى چېمپىيونى، رۇسىيەلىك ماھىر ئاندىرىيېۋانى يەڭدى. ئۇ جۇڭگو تېننىس توپ مۇسابىقىسى 20 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيانقى تۇنجى بولۇپ جۇڭگودىن چىققان ئاياللار يەككە ئويناش چېمپىيونى بولۇپ قالدى، بۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى ئاياللار تېننىس توپ ماھىرلىرى جەمئىيىتى(WTA) 1000 دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىل جېڭ چىنۋېننىڭ ئۇدا تۆت يىل جۇڭگو تېننىس توپ ئاشكارا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 2024-يىلىدىكى تۆت كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرىشى ئىدى.

سۈرەتتە: جېڭ چىنۋېن بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو تېننىس توپ مۇسابىقىسىدە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېنلىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ