
مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بىرلىشىپ «2026-يىللىق ”ئۈچ رايون“ ئىختىساسلىقلارنى قوللاش پىلانى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس پىلانىنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، ئۇقتۇرۇشتا 2026-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە بولغان ئوقۇش يىلىدا ”ئۈچ رايون“ ئىختىساسلىقلارنى قوللاش پىلانى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس پىلانىنى ئاساسلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارغا يۈزلەندۈرۈپ يولغا قويۇش، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان-يۆلەيدىغان ناھىيە، مىللەتلەر ناھىيەلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى ناھىيەلەر، چېگرا بويىدىكى ناھىيەلەر قاتارلىق رايونلارغا نۇقتىلىق مايىللىشىش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، 11356 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تاللاپ ئەۋەتىش پىلانلاندى. ھەرقايسى جايلاردىن رايوندىكى ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، ئۆلكە دائىرىسىدىكى سان تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ناھىيە، ۋىلايەت، شەھەر ھالقىپ تاللاپ ئەۋەتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى تولۇق قوزغاپ، نۇقتىلىق رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىندى.
تاللاپ ئەۋەتىش تەلىپى جەھەتتە، پىرىنسىپ جەھەتتە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىدىكى تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ئەۋەتىش كېرەك، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا شەرتنى مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىشكە بولىدۇ، مەكتەپ باشقۇرۇش خادىملىرى بىرقەدەر كۈچلۈك تەشكىللەش، رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە مول مەكتەپ باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى خىزمەت شەكلى ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ، ۋاقتى بىر يىل بولۇپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ياكى داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسەت ۋە خىراجەت كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. ياردەم بېرىلىدىغان ناھىيەلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتى خىراجىتىنى مەركەز مالىيەسى ۋە يەرلىك مالىيە كىشى بېشىغا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىڭ يۈەن ئۆلچەم بويىچە ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ