مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى 2026-يىللىق كۈمۈش ياشلىقلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانىنى يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

2026.10.09 14:34 مەنبە: خەلق تورى

مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە «2026-يىللىق كۈمۈش ياشلىقلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانىنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، كۈمۈش ياشلىقلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇردى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2026-يىللىق كۈمۈش ياشلىقلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانى ئاساسلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەر، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان مىللەتلەر ناھىيەلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، چېگرا ناھىيەلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ تۈەن-مەيدانلىرى قاتارلىقلاردا يولغا قويۇلىدۇ، نۇقتىلىق ھالدا دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ناھىيەلەرگە مايىللىشىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 6000 نەپەر كۈمۈش ياشلىق ئوقۇتقۇچىلارنى لېكسىيە سۆزلەشكە قوبۇل قىلىش پىلانلاندى. مۇشۇ ئاساستا، ھەرقايسى ئۆلكىلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ، ئ‍ۆلكىلەر پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ، مائارىپ تەرەققىياتى ئاجىز بولغان باشقا ناھىيە، يېزا رايونلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە ئەۋەتىپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ئالدىغا يولغا قويۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈسە بولىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۈمۈش ياشلىقلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانىغا ئىلتىماس قىلغان پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىمى، ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلىدۇ. سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئالىيجاناب، مائارىپ ھېسسىياتى چوڭقۇر، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، كەسىپتە پىشقان، تېنى ساغلام، خالىس تۆھپە قوشىدىغان، ئىستىلى پۇختا، مائارىپ، ئوقۇتۇش تەجرىبىسى مول، پىرىنسىپ جەھەتتە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىغا ئىگە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەسلىدىكى ئورۇن قايتا تەكلىپ قىلىنغان پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار كۈمۈش ياشلىقلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا لېكسىيە سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى. لېكسىيە سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇلازىمەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدىكى كادىرلار مۇناسىۋىتى، ھازىر بەھرىمەن بولۇۋاتقان پېنسىيە تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ، خىزمەت خىراجىتى ئايمۇئاي تارقىتىلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى لېكسىيە سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا خىزمەت ياردەم پۇلى، قاتناش-كاماندىروپكا خىراجىتى ۋە كۈتۈلمىگەن سۇغۇرتا ھەققى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت خىراجىتىنى مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە 20 مىڭ يۈەن ئۆلچەم بويىچە ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ