مايتاغ-كۇچا تاشيولى بۈگۈندىن باشلاپ قىش پەسىللىك تاقىلىدۇ

2026.10.08 15:18 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ G 217 لىنىيەسىدىكى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرى دېڭىز يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز بولغاچقا، لىنىيە بويىدا مۇز داۋان، جىددىي ئايلانما، تىك داۋان قاتارلىق ئالاھىدە يوللار كۆپ، 10-ئاي كىرگەندىن كېيىن، لىنىيە بويىدا قار يېغىش، مۇز تۇتۇش قاتارلىق ناچار ھاۋارايى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى خەۋپ ـ خەتىرى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مايتاغ-كۇچا تاشيولى بۈگۈن (8-چېسلا) سائەت 20:00دىن باشلاپ قىش پەسللىك تاقىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشى چەكلىنىدۇ. 2027-يىللىق كونكرېت قاتناش باشلاش ۋاقتى كېلەر يىللىق ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يوللاردىكى مۇزنى تازىلاپ قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن جەمئىيەتكە ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ