
6-چېسلا، غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈر يولى قارانۇر تونېلىدا تونېلغا كىرىپ قۇرۇلۇش قىلىش رەسمىي باشلىنىپ، پۈتۈن لىنىيەدىكى تونېلغا كىرىپ قۇرۇلۇش باشلانغان تونېل بولۇپ قالدى، بۇ دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۇنجى تۆمۈر يول تۈرى تونېل ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈريولى غۇلجا ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 4-شىسىدىن ئۆتۈپ، ئاقسۇ ۋوگزالىغا ئۇلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 798 كىلومېتىر بولۇپ، 2032-يىل 12ـ ئايدا پۈتىدۇ، شۇ چاغدا غۇلجا، ئاقسۇ ئىككى جاي ئارىلىقىدا قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ تۇرپاندىن ئايلىنىپ ئۆتۈش تارىخىغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىلىدۇ، تۆمۈر يول تىرانسپورت ئارىلىقى تەخمىنەن 800 كىلومېتىر قىسقىرايدۇ، قاتناش ۋاقتى تېجىلىپ، سەككىز سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ