ئامېرىكا ئامېرىكىدا قېلىپ خىزمەت قىلماقچى بولغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرى سوممىلىق ھەق ئالماقچى

2026.10.08 15:04 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى 7ـ چېسلا بىر تۈرلۈك تۈزمەكچى بولغان قائىدىنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ "تاللاش خاراكتېرلىك پراكتىكا مەشقى" تۈرىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىدا قېلىپ خىزمەت قىلماقچى بولغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرى سوممىلىق ھەق ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چىڭىتىشتىكى ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى.

بۇ قائىدىگە ئاساسەن، مەكتەپ ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم "تاللاش خاراكتېرلىك پىراكتىكا مەشقى" تۈرىنى ئىلتىماس قىلغاندا 70 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلىشى، ۋاقىتنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا يەنە 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلىشى كېرەك ئىكەن. مەزكۇر تۈر ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسى بار خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن كەسپى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويىدىغان بولۇپ، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋىزىسىنى ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۆتكۈنچى يول ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ تەدبىرنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت "ۋىزا ئالدامچىلىقى ۋە قالايمىقان ئىشلىتىش مەسىلىسى"گە زەربە بېرىش، "تاللاش خاراكتېرلىك پراكتىكا مەشقى" تۈرىنىڭ ئامېرىكا ئەمگەك كۈچى بازىرىغا كىرىشتىكى ئارقا ئىشىك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن.

ئامېرىكا خەلقئارا مائارىپ خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى رەت قىلىش "ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيادىكى رەھبەرلىك ئورنىغا زىيان يەتكۈزىدۇ" دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى ئاممىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى قائىدىنى بېكىتىشنى پىلانلىغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مۇنداق قارىدى: بۇ ھەق ئېلىش تەدبىرى قانۇننىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ