مېھرىبان مەتروزى "جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى"گە كىرگۈزۈلدى

2026.09.30 15:04 مەنبە: خەلق تورى

مەركىزىي كومىتېت مەدەنىيلىك تەشۋىقاتى ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 2026-يىللىق ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى "جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى" نى ئېلان قىلدى. ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كەلكۈن ئاپىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا كەلكۈنگە ئۇچراپ بەختكە قارشى قۇربان بولغان مېھرىبان مەتروزى "كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشقان" ياخشى ئادەم بولۇپ باھالاندى. بۇ خەۋەر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرى بۇ شەرەپ ھەقىقەتەن دەل جايىدا بېرىلىپتۇ، دېيىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ