10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاھالىلەر ئۆي سېتىۋېلىش قەرزى ئۆسۈم ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2026.09.30 15:02 مەنبە: خەلق تورى

29-چېسلا، مالىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو خەلق بانكىسى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە «ئاھالىلەر ئۆي سېتىۋېلىش قەرزى ئۆسۈم ياردىمى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە يولغا قويۇلىدۇ.

سىياسەتتە دىققەت تۇنجى يۈرۈش مۇتلەق ئېھتىياجلىق ئۆيگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ يېڭىدىن ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى، بىرقەدەر تۆۋەن باھالىق ئۆي سېتىۋېلىشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاھالىلەرگە ئۆسۈم ياردىمى بېرىلىدۇ: بىرىنچى، يېڭىدىن تارقىتىلغان سودا خاراكتېرلىك شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلى بىلەن تۇنجى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغانلارغا بېرىلىدۇ، ساقلانما قەرز پۇلنى، ئۆي ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، "تۇنجى يۈرۈش ئۆي"نى بېكىتىش ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەت بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، يېڭى ئۆينىمۇ، ئىككىنچى قول ئۆينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، سېتىۋالغان تۇرالغۇ ئۆينىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 120 كۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۈچىنچى، سېتىۋالغان ئۆينىڭ باھاسى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ئۆسۈم ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدىغان قەرز كۆلىمى ئەڭ كۆپ بولغاندا 1 مىليون يۈەن بولۇپ، مالىيە تارماقلىرى بىر پىرسەنت پوئېنت ياردەم ئۆسۈمى بېرىدۇ، ھازىرقى تۇنجى يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي سودا خاراكتېرلىك شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي قەرز ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە ئېتىبار بەرگەنگە باراۋەر كېلىدۇ، ئۆسۈم ياردىمىنىڭ مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بەش يىل بولىدۇ. سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتى ۋاقتىنچە بىر يىل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ