غەربىي جەنۇب مىللەتلەر داشۆسىنىڭ خەلقئارا تارقىتىش شۆيۈەنى قۇرۇلدى

2026.09.30 15:01 مەنبە: خەلق تورى

غەربىي جەنۇب مىللەتلەر داشۆسى خەلقئارا تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 29-چېسلا چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى.

غەربىي جەنۇب مىللەتلەر داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى مەي شيەنمىن تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقئارا تارقىتىش شۆيۈەنىنى قۇرۇش مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى، پەن سىستېمىسى ۋە ئادەم تەربىيەلەش ئەندىزىسىدىكى بىر قېتىملىق چوڭقۇر قايتا قۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، مەكتىپىمىز مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە چىڭ بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى "15-بەش يىل" مەزگىلىدە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ خەلقئارا تارقىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى توپلاپ، خەلقئارا تارقىتىش شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پەنلەرنىڭ چوڭقۇر گىرەلىشىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، "تىل بىلىدىغان، تارقىتىشنى ئۇقىدىغان، دۆلەت ئەھۋالىغا پىششىق" يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاقىللار ئامبىرى ۋە تەتقىقات سۇپىسى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ئالاقە ھەمكارلىقىنىڭ چوڭ ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ