يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى: بۇ يىل دۆلىتىمىزدە ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار

2026.09.30 15:01 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، "15-بەش يىل" مەزگىلىدە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاڭ جۇ يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل "15-بەش يىل" نىڭ باشلىنىش يىلى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ساقلاندى. ئاشلىق مەھسۇلاتى مۇقىم ئاشتى، يازلىق ئاشلىق مەھسۇلاتى تۇنجى قېتىم 300 مىليارد جىڭدىن ئاشتى، چىلگە شال مەھسۇلاتى ئۇدا ئالتە يىل 56 مىليارد جىڭدىن ئاشتى، كۈزلۈك ئاشلىقتىن كەڭ كۆلەمدە ھوسۇل ئېلىنماقتا، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار.

جاڭ جۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دائىملىق ياردەم بېرىش-يۆلەش مۇقىم باشلاندى، دائىملىق دەل جايىدا ياردەم بېرىش-يۆلەش بويىچە كۆزىتىش سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، خىزمەت مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 2 مىليون 562 مىڭ قايتا نامراتلىشىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوبيېكتىنىڭ ھەممىسىگە قاراتمىلىق ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىش ۋە نامراتلىشىپ كېتىش يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكى چىڭ ساقلاندى. يېزىلاردا جەمئىيەت مۇقىم، تىنچ بولدى، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، يېڭى، ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىندى.

جاڭ جۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىيىتى ۋە سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە كەڭ دېھقان ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشقان چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاشقا تۈرتكە بولۇشتا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېھقان ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ