دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا رايى شارائىتى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ

2026.09.30 15:00 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە بولغان دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا رايى شارائىتى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، سەپەرگە چىقىشقا ماس كېلىدىكەن. شىمالدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق ۋە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن؛ جەنۇبتىكى رايونلاردا 4-چېسلادىن بۇرۇن يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆپ بولۇپ، ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، غەربىي جەنۇبتىكى قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ 3-چېسىلادىن 4-چېسىلاغىچە ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردا بىر قېتىم سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدىكەن، لېكىن كۈچلۈك بولمايدىكەن، مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدىكەن؛ كەڭ دائىرىدە چاڭ-توزانلىق، تۇمانلىق، تۈتەكلىك ھاۋارايى كۆرۈلمەيدىكەن؛ تەيفېڭ بورىنى دۆلىتىمىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.

جەنۇبتىكى رايونلاردا بۇلۇتلۇق، يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆپ كۆرۈلىدىكەن، شىمالدا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن. 1-چېسىلادىن 4-چېسىلاغىچە، غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، جياڭخەن، جياڭنەن، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، گۇيجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن؛ 5-چېسلادىن كېيىن، جەنۇبتىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن. 2-چېسلادىن 3-چېسلاغىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ۋە ياكى گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدىكەن. سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 3-چېسىلادىن 4-چېسىلاغىچە ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت سېلسىيە گىرادۇستىن ئالتە سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسىنىڭ شىمالىدا تۆت بالدىن بەش بالغىچە شامال چىقىدىكەن، 4-چېسىلادىن 7-چېسىلاغىچە شەرقىي قىسىم دېڭىز رايونىدا بەش بالدىن يەتتە بالغىچە شامال چىقىدىكەن؛ 6-چېسىلادىن 7-چېسىلاغىچە يېڭى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدا بوران چىقىش، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتەك ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ