
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو مۇھىت ۋە تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ شۆشياڭ بېيجىڭدا خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 2026-يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە يۈكسەك تەرىپلىشىگە ئېرىشتى. "15-بەش يىل" مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات نىشانىغا تېخىمۇ ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىپ، ۋەزىپە-تەدبىرلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوقۇم يېڭى چوڭ پەللىگە كۆتۈرىدۇ.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ يېشىل ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇ ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ھەم ئۇنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»نى قەتئىي قوغداپ، «كۇنمىڭ-مونترېئال رامكىسى»نى يولغا قويۇش تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنياۋى كىلىماتنى تۈزەش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇش كېرەك. ئىككىنچى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېشىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ، يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق پەن-تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، تېخنىكىنى ئايلاندۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ يېشىللاشتۇرۇش بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق دۇنياۋى مۇھىت ۋە كىلىماتنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل "بىر بەلباغ، بىر يول"نى ئورتاق قۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى بويىچە جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك يېشىل تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئەركىن ئوبوروت قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن بەش يىلدا، 7-نۆۋەتلىك خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتىدىكى ھەرقايسى ئەزالار، مۇتەخەسسىسلەر پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى 8-نۆۋەتلىك خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنى قۇرۇشنى رەسمىي تەستىقلىدى، خەلقارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ، ھەرقايسى ئەزالار، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ داۋاملىق گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى، دۇنياۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ قېتىمقى خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ئەمەلىي بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ يېشىل ئالغا ئىلگىرىلەش». خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلىرى، كۆزەتكۈچىلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ