يولداش زوۋ جياخۇا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

جاۋ لېجى قاتناشتى

2026.09.30 14:25 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىزنىڭ 9-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، يولداش زوۋ جياخۇا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە يىغىندىن بۇرۇن يولداش زوۋ جياخۇانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

يولداش زوۋ جياخۇا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ سۆھبەت يىغىنىدا يولداش زوۋ جياخۇانىڭ شانلىق ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلى، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىش، دادىل نەتىجە يارىتىشتەك كۈرەش قىلىش روھى، ئاددىي-ساددا، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتەك ئېسىل خىسلىتىدىن ئۆگىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىڭ جۇڭلى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ