
مۇخبىرنىڭ تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى، مەملىكەت بويىچە جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ تۇرغۇزۇلۇش سانى، قاتىللىق دېلولىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى %98.23كە يەتكەن، شۇنداقلا ئۇدا ئالتە يىل %98تىن يۇقىرى ھالەتنى ساقلىغان.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە جىنايى ئىشلار دېلولىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5، قاتىللىق دېلولىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4، قورال ئېلىپ يۈرۈش دېلولىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.3 تۆۋەنلەپ، يەنە يېڭى تۆۋەن سەۋىيە يارىتىلغان. دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە جىنايى ئىشلار جىنايىتىنىڭ نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن، قاتىللىق دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن، قوراللىق جىنايەتچىلەرنىڭ سانى ئەڭ ئاز دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. تىنچ جۇڭگو پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ