شىنجاڭدىكى تولۇقسىز 3-يىللىقتىن تولۇق 3-يىللىققىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتسا بولىدۇ! چىڭخۇا داشۆسىنىڭ 2027-يىللىق "ماتېماتىكا باشلامچىلىرى پىلانى"غا تىزىملىتىش 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ

2026.09.29 14:55 مەنبە: خەلق تورى

9-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرنىڭ چىڭخۇا داشۆ ئورگان تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، چىڭخۇا داشۆسىنىڭ 2027-يىللىق چيۇ چېڭتۇڭ ماتېماتىكا ئىلمى باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى (تۆۋەندە قىسقارتىپ "ماتېماتىكا باشلامچىلىرى پىلانى" دېيىلىدۇ)غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدىكەن، شىنجاڭدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تولۇقسىز 3-يىللىقتىن تولۇق 3-يىللىققىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار 2026-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن.

"ماتېماتىكا باشلامچىلىرى پىلانى" پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىپ ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئۇنىۋېرسال مۇنەۋۋەر ھەمدە ماتېماتىكا يوشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، تاللايدۇ ۋە يېتىشتۈرىدۇ، تولۇق كۇرستىن دوكتور ئاسپىرانتلىق باسقۇچىغىچە ئۇلاپ يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو تۇپرىقىدا بىر تۈركۈم پۇختا ماتېماتىكا، فىزىكا ئاساسىنى ھازىرلىغان ھەمدە جۇڭگو، ھەتتا دۇنيانىڭ ئاساسىي ماتېماتىكا ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار قوللىنىشچان ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.

ئىلىم-پەنگە ئىنتىلىدىغان، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام، نەتىجىسى ئەلا، ماتېماتىكا يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئالاھىدىلىكى بار بولغان، ئۆمۈرۋايەت ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىرادە باغلىغان پۈتۈن دۇنيادىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تىزىملاتسا بولىدۇ.

2027-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يىلىدىن باشلاپ، تولۇق 1-يىللىق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار پىرىنسىپ جەھەتتە پەقەت بىر قېتىملا تىزىملىتىشقا بولىدۇ؛ تولۇقسىز 3-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار بىر قېتىم تىزىملاتسا بولىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تىزىملاتسا بولىدۇ.

تىزىملاتقۇسى بار شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئاستىدىكى توربەتكە كىرىپ، "2027-يىللىق چيۇ چېڭتۇڭ ماتېماتىكا ئىلمى باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى" تۈرىنى تاللاپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

تور ئادرېسى: https://admission.join-tsinghua.edu.cn

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ