دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا ھەق ئېلىنمايدۇ

2026.09.29 14:54 مەنبە: خەلق تورى

9-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ يول تورى ئۈندىدار سۇپىسى 2026-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق تاشيول قاتناش سەپىرى مۇلازىمەت كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ.

2026-يىللىق دۆلەت بايرىمىدا 10-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە) دىن 7-كۈنى (چارشەنبە) گىچە جەمئىي يەتتە كۈن تەڭشەپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەقلىق تاشيوللاردا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 00:00 دىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24:00 كىچە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەقلىق يېپىق تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، ھەقلىق ئوچۇق تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ